خىتاي - ھىندىستان چېگرا سۆھبىتىنى باشلىماقچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.06
2009.08.06
خىتاي بىلەن ھىنىدىستان ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان ئارۇناچال پرادېش رايونىنىڭ تەۋەلىك مەسىلسىدە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىرلىككە كېلەلمەيۋاتقان بولۇپ، خىتاي داۋاملىق ھالدا ئارۇناچال پرادېش رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇ يەرنى "جەنۇبىي تىبەت" دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ يېڭى دېھلىدىن ھېچ بولمىغاندا، بۇ رايوننىڭ داكوڭ دەپ ئاتىلىدىغان قىسمىنىڭ بولسىمۇ خىتايغا تەۋە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇرۇنقى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامامۇ بۇ رايوندا دۇنياغا كەلگەن.
خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2000 كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان يەرنىڭ كۆلىمى 125 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.