خىتاي ئىنتېرنېت جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ «باش جىنايەتچىسى» دەپ قارالماقتا

ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېر بىخەتەرلىك شىركىتى_«مېككافى» چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كالىفورنىيىگە جايلاشقان مەزكۇر شىركەتنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى 14 دۆلەتتىكى 72 ئورۇننىڭ ئۇچۇر سىستېمىلىرىدا جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇلار كانادا، ھىندىستان، جەنۇبىي كورىيە، تەيۋەن، ئامېرىكا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا ب د ت، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. توربۇزارلار ئۇلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىمىترى ئالپېروۋىچ سۆزىدە جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ 5 يىلدىن بۇيان پىلانلىق ھالدا مۇقىم بىر ئورۇن تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھۇجۇمنىڭ ئېنىق كېلىش مەنبەسىنى ياكى ئۇ دۆلەتنىڭ ئېنىق ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى جېيمىس لىۋايىس باياناتىدا، بارلىق پاكىتلارنىڭ خىتاينى ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلگەن جاسۇسلۇق پروگراممىلىرىنىڭ خىتاي ئىلگىرى ئىشلەتكەن پروگراممىلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

نۆۋەتتە، «مېككافى» شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بۇ خىل جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنىي يوللىرى ئۈستىدە ھەمكارلىشىۋاتقان ئىكەن.