جېجياڭدا تاكسى شوپۇرلىرى، خېنەندە نېفىت ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى

يېقىندىن بۇيان خىتايدا پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.08.09

ئۆتكەن ھەپتە جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى 1500 دىن ئارتۇق تاكسى شوپۇرى ئۇدا 3 كۈن ئىش تاشلاپ نامايىش قىلىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى، ئەمما تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ تاپاۋىتى ئۆسمىگەنلىكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا بولسا پارىخورلۇقنىڭ كۈچەيگەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى  ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تاكسى شوپۇرلىرىغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن بۇ ھەپتە، خاڭجۇدا تاكسى شوپۇرلىرى ئىشقا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 9-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى يەنە 1000 غا يېقىن تاكسى شوپۇرى خاڭجۇدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئوخشاش بىر كۈندە يەنى 9-ئاۋغۇست  1000 غا يېقىن خېنەنلىك نېفىت ئىشچىسى، مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش، پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ، جېڭجۇ شەھىرىدە نامايىش قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە،  خېنەن نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىغا، نېفىت شىركىتى باشلىقلىرى ھەم ئىشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ ئىشچىلارنىڭ مائاشىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقى،  ئەمما  مال باھاسى يۇقىرىلىغان شارائىتتا ئىشچىلارنىڭ مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈپ بېرىلمىگەنلىكى سەۋەب بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.