خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىلدى

70 تىن ئارتۇق خىتاي پروفېسسور ۋە ئادۋوكات خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق دەرىجىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە پارتىيىنى ھۆكۈمەتتىن ئايرىشقا چاقىردى.

2012.12.26


يۇقىرىقى مەكتۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى جاڭ چيەنفەن باشچىلىقىدا يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپتا دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سۆز - پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇش ۋە خەلققە ئۆز ۋەكىللىرىنى سايلاش ھوقۇقىنى بېرىش قاتارلىق چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

جاڭ چيەنفەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: ئەگەر خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا ئىنقىلاب ۋە قالايمىقانچىلىق پاتىقىغا پېتىپ قىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر چاقىرىق نامىدا «2008 خىتابنامىسى» نىڭ روھىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

2008 - يىلى نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان خىتاي يازغۇچى ليۇ شياۋبو قاتارلىق بىرى قىسىم زىيالىيلار «2008 خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇن ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى.

جاڭ چيەنفەن بۇ نۆۋەتلىك تەكلىپ دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن يېنىك ئىكەنلىكىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەكلىپكە قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.