ئەنگلىيىدە قاتىللىققا ئۇچراپ ئۆلگەن ئىككى خىتاي جەسىتى بايقالدى

ب ب س نىڭ 28 - ئىيۇل خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ غەربىي يوركشىر West Yorkshire شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسى ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ يۈك ساندۇقىدىن ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.

خەۋەردە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئىككى نەپەر خىتاينىڭ بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايال بولۇپ، ساقچىلار دېلونى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر قانچە كىشىنى قولغا ئالغان. قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە شۇ كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىككى ئەر ‏ - ئايال بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۇلارنىڭ بىر كۈن بۇرۇن جەسەت قاچىلانغان ئاپتوموبىلدا بىر نېمىلەرنى توشىغانلىقىنى كۆرگەن، ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتى بايقالغان كوچىنىڭ ئۆزىدىلا بەش ئالتە خىتاي ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن.

ساقچى دائىرىلىرى ب ب س مۇخبىرىغا، مەزكۇر قاتىللىق دېلوسىنى يەنىمۇ ئېنىقلاش ئۈچۈن جەسەتنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە خىتاي پۇقرالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە بولۇپمۇ، پاكىستان، ئافغانىستان ھەم ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە،خىتاي مەبلىقى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلولىرى بىر قەدەر كۆپ.