ئۈرۈمچى كۆكتاغدىكى بىر كاندا ھادىسە يۈز بېرىپ ئالتە ئادەم ئۆلدى

ئۈرۈمچى شەھىرى يېنىدىكى بىر كۆمۈر كاندا كان گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم ئۆلگەن. بۇ خەۋەر خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىنپاۋ گېزىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا مەزكۇر كاننىڭ خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ مۇئاۋىن باشلىقىمۇ بار ئىكەن. بىراق، باشقا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە خەۋەردە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.12.22

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە، 21 ‏- دېكابىر ئۈرۈمچى مىچۇئەن ‏- كۆكتاغ سەنيۇئەن كۆمۈر كېنىدا كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ئالتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 1992 ‏- يىلى قۇرۇلغان بۇ كاننىڭ يىلىغا 90 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي كان ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن كان ئىشچىلىرى تۈرلۈك ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرى يېنىدىكى تىك-قۇدۇق، غەربىي ۋە شەرقىي تاغ ھەم ۋېيخۇلياڭ كۆمۈر كانلىرى بىر قەدەر چوڭ كانلار بولۇپ، تىك قۇدۇق رايونىدا چوڭ بولغان، ھازىر غەرب دۇنياسىدا ياشاۋاتقان بىر ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كانلاردا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىشچىلار ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئاسان ۋەقە چىقىدىغان نۇقتىلاردا ئىشلەيدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كان ھادىسىلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

گەرچە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كان ھادىسىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما قالايمىقان كان ئېچىش ۋە قېزىش، بازار قوغلىشىش بىلەنلا بولۇپ، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە دىققەت قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق تۈردە ۋەقە كېلىپ چىقىش رولىنى ئوينىغانلىقى ئېيتىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.