بۇ سەۋەبتىن خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلىرى ھۆكۈمەتكە بېقىنغۇچى چېركاۋلار ۋە يەر ئاستى چېركاۋلار بولۇپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىشقا باشلىغان. خىتاي يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ھۆكۈمەتكە بېقىنىدىغان چېركاۋ ۋە دىنىي زاتلارنى يۆلەش مەقسىتىدە، كاتولىكلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قول تىقىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى كاتولىكلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
رىم پاپاسى بەنەدىك خۋى، ئالدىنقى كۈنى يېڭى يىل نۇتقى سۆزلىگەندە، خىتايدىكى كاتولىك جامائىتىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى دىنىي چەكلىمىلەر ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەسلىككە ۋە ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىرغان. بۇ چاقىرىق خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى تۈنۈگۈن ۋاتىكاننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: " بىز ۋاتىكاننىڭ، جۇڭگودىكى كاتولىكلەر ئېرىشكەن ئەركىنلىكلەرنى تونۇپ يېتىشىنى ۋە جۇڭگو-ۋاتىكان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق كونكرېت قەدەم بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاتىكان خىتايدىكى كاتولىكلاردىن دىنىي ئىبادەتلىرىنى خىتاينىڭ قول تىقىشى ۋە يوليورۇقلىرىدىن خالىي ھالدا، ساپ روھانىي مۇھىتتا ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، خىتايدىكى كاتولىكلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن بەكرەك، ۋاتىكانغا سادىق بولۇپ كېتىشىنى دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىماقتا.