دۆلەت مەجلىسى رەئىسى جون بېينىر كرىستوفىر سىمىتنى «ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتىنى ئالغا سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتقان شەخس» دەپ كۆرسەتتى.
كرىستوفىر سىمىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، خىتاينىڭ «ئۆزىنى دېموكراتىيىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئۆلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، دېموكراتىك پائالىيەتچىلەرنى، دىندارلارنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى، پىلانلىق تۇغۇت كىنىشكىسى ئالمىغان ئاياللارنى، تور پائالىيەتچىلىرىنى ۋە باشقىلارنى جازالاۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، «خىتاي ئىشلار كومىتېتى كەمسىتىشكە دىققەت قوزغاش، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى ب د ت نىڭ «ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى»، «خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئاساسى ئۆلچەملەرنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىشتا مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلدى» دەيدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر، كرىستوفىر سىمىتنىڭ مەزكۇر كومىتېتقا رەئىس بولۇشى، ئۇنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە پوزىتسىيىسى قاتتىقلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.