خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتونغا ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم، سەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ خىتاي زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەرمىدى. ئەكسىچە خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەم يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلار ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتوننىڭ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، خىتايغا قارشى ئۆز-ئارا بىرلىشىشكە چاقىرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھىللارىي كلىنتوننى تەنقىدلەپ، «ھىللارىي كلىنتون تەشەببۇس قىلىۋاتقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ» دېدى. خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە بولسا «ھىللارىي كلىنتوننىڭ بۇ تەشەببۇسى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يىرىكلىك پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتا نارازىلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون، 2-سېنتەبىر ئاۋسترالىيىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئۆز-ئارا بىرلىشىشكە چاقىرغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي 3-سېنتەبىر كۈنى كلىنتوننىڭ مەزكۇر چاقىرىقىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىگە قول تىقماسلىققا دەۋەت قىلغان ئىدى.

بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى فىلىپپىن، ۋيېتنام، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلىرى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا رايونى ۋەزىيىتىدە يەنە جىددىيلىك پەيدا قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت