خىتاي، موڭغۇل پائالىيەتچى سودمونگولنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇۋالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.26
2010.04.26
رويتېرستا ئامېرىكىغا جايلاشقان "جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى"دىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 18 - ئاپرېل خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خىتايدىكى موڭغۇل پائالىيەتچى سودمونگولنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇپ قالغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، سودمونگول بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابىدا چاقىرىلغان "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەت مەسىلىسى يىغىنى"غا تەكلىپ قىلغان.
سودمونگول قولغا ئىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى چاۋياڭ شەھىرىدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ كومپيۇتېر، تېلېفون ۋە باشقا ھۆججەتلىرىنى ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سودمونگول تور بەتلىرى ۋە يىغىلىشلاردىن پايدىلىنىپ، موڭغۇل تىلى، مەدەنىيىتى ۋە موڭغۇل كىملىكىنى قوغداش ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلغىمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنى جىددىي تۈردە يۆتكىگەن. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 24 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 20 پىرسەنتىنىلا يەرلىك موڭغۇللار تەشكىل قىلىدىكەن.