خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازىسىنى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2009 - يىلدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەرگىمۇ ئۆلۈم جازىسى بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي 2009 - يىلى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 30 يېقىن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ۋە 9 غا جازا ئىجرا قىلغان ئىدى.