خىتاي بىر مۇتەخەسسىسنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقتىن تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي جۈمە كۈنى تەيۋەنگە ئاخبارات يوللاش بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان تىببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، خۇ ۋېيخەننىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.28

بۇ يىل 59 ياشلاردىكى ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئاۋستىرىيە تەۋەلىكىدىكى قىزى چېن رەن، دادىسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دادىسىنى ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈپ قېلىش ھەققىدىكى ئۆتۈنىشىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي ئادالەت سېستىمىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋۇ ۋېيخەننىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىنى شىددەتلىك ئەيىبلەيدىغان بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇزان ستېۋېنسون مۇنداق دەيدۇ": بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇ ۋېيخەنگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقىدىن ناھايىتى قاتتىق چۆچىدۇق ۋە ئۈمىدسىزلەندۇق." ۋۇ ۋېيخەن خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل ئاۋىستىرىيىدە ياشىغان، 2005 ‏ - يىلى تەيۋەنگە ئاخبارات يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ۋۇ ۋېيخەننىڭ قىزى چېن رەن، ئەيىبنامىسىدە دادىسىغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ بىرى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئائىت مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پەرەزگە تايانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋۇ ۋېيخەننىڭ دىلوسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر دىلوغا ئاۋستىرىيە پرېزىدېنتى خېينىز فىشىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس قاتارلىقلار ئارىلاشقان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋۇ ۋېيخەننى كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرسىلا پلاسنىك جۈمە كۈنى بۇ ۋەقەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان "ئالدىنئالا پىلانلانغان قىلتاق"، دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ خىتاي - ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈننىڭ ئالدىغا توغرىلىنىشى كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمەتنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇسۇلىدىكى قوپاللىقنى نامايەن قىلماقتا."

لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئاقلاپ، ۋۇ ۋېيخەننىڭ خىتاي قانۇنىنى بۇزغانلىقىنى، ئۇنىڭ "چەتئەللىك ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى، دەپ ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلمەيدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.