20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى يەنە ئۆرلىدى

خىتاي دائىرىلىرى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا قارار چىقىرىپ، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى يەنە قىممەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي خەلق بانكىسى جۈمە كۈنى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى يەنە ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە كۇرسىنىڭ بىر دوللارغا 6 سوم 78 تىيىن 96 سېنت قىلىپ بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ بۇ قارارى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلىرى شەنبە كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە يىغىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىدىن قانداق قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. جۈمە كۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئۆسۈپ، بىر دوللار نۆۋەتتىكى 6 سوم 82 تىيىندىن 6 سوم 79 تىيىنگە يېقىنلاشقان.

پرېزىدېنت ئوباما تورونتوغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ پۇل مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتىنى "ئىجابىي" قەدەم دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، خەلق پۇلى كۇرسى ئىسلاھاتىنىڭ رولىغا باھا بېرىشنىڭ ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېف بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە، ئامېرىكا خىتاينىڭ پۇل كۇرسىنىڭ "ئۆزگىرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى" ئەسكەرتتى.