خىتاي پۇلىنىڭ پاخاللىشىشى بۇ يىل 3.7% گە يېتىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا پۇلىنىڭ پاخاللىشىشى 5‏ - ئايدا 3% گە يەتكەن ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي پۇلىنىڭ پاخاللىشىشى مۇشۇ يىل ئىچىدە 3.7% گە يېتىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ چەتئەللەردە تارقىتىلىدىغان 'خەلق گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى لى دوكۇي پۇل پاخاللىشىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندا 'خىتايدا ھازىر ئەمگەك باھاسى، خام ماتېرىيال باھاسى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتىدۇ' دەپ كۆرسەتكەن.