خىتاي قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قانۇننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى
2013.01.18
بېيجىڭ تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور شۈ جىڭ، خىتاي ئەدلىيە-قانۇن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور خۇاڭ يەنخاۋ، غەربىي جەنۇب قانۇن ئەدلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىڭ لېكتورى لۇ رۇڭرۇڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىلغان «2012-يىلى خىتايدىكى ئەدلىيە-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھات ھەققىدە دوكلات» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ يېڭى ئەۋلاد رەھبەرلىرىدىن خىتايدا ھازىرغا قەدەر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن سىستېمىسىغا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
ماقالىدە، ئالدى بىلەن قانۇننىڭ مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن بىلەن پارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىۋېتىش، قانۇننىڭ مۇستەقىل ئادىل يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەرقانداق شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ ئەدلىيە-قانۇن ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلماسلىق تەلەپ قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە، نۆۋەتتە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش باھانىسىدە ئەرزدارلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا ئەۋەتىشتەك قىلمىشلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.