خىتاي قانۇن ماقۇللاپ، تورنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى

خەلق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جۈمە كۈنى تور كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى رەسمىي ماقۇللىدى. تور ئابۇنىتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلىتىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسى جۈمە كۈندىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىندى.

مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاي تور بەتلىرىدە كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ مۇنازىرە قوزغالغان مەزگىلدە ماقۇللانغان. نۆۋەتتە، خىتايدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئاتاقلىق شەخس توردا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى قوزغاپ، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 25 نەپەر ئەزاسىنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

قانۇن لايىھىسى 11-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30‏-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ يىغىنى 5 كۈن داۋام قىلغان. مەزكۇر لايىھىنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئۇنىڭ تور ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ بوغۇپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ «بەلگىلىمە تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جامائەتنىڭ ئىجتىمائىي مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك» قىلىدىكەن.