خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 'قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى' نى باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي ۋە باستۇرۇش خاراكتېرىدىكى بۇ ئاتالمىش "زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يىللاردىن بۇيان "100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ھەرىكىتى" نى يولغا قويۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى باياناتچىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە " قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ نۆۋەتلىك "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 5 - ئىيۇل دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرى قۇرۇپ، قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 5 - ئىيۇل‘دېلوسىغا ئالاقىدار قاچقۇنلارنى بار كۈچى بىلەن قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى يەنە، بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمى جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇپ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش" ۋە "قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى 100 كۈنلۈك مەخسۇس قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى" نى يولغا قويۇپ، بۇنى "5 - ئىيۇل" ۋەقەسىگە ئالاقىدار شەخسلەرنى قوغلاپ تۇتۇشقا قاراتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر زەر بېرىش ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش دەرىجىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراش ھادىسىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.