خىتاي قەشقەرنى چېقىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىمىنى چەكلىمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى چېقىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىم كېيىشىنى چەكلىمەكتە. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، باش كېيىم كېيىشنى چەكلەش قەشقەر شەھىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپتىكى باشقا يۇرتلارغىمۇ كېڭەيتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-24
Share

قارغىلىق ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە قىز - ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىلا ئەمەس، بەلكى سرتتىمۇ باش كېيىم كېيىشى چەكلەنگەن. ئادەتتە، باش كېيىم بىلەن مەكتەپكە كەلگەنلەر دەرۋازىدىن كىرگۈزۈلمەيدۇ. مەكتەپ بىلەن ياكى بالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاتا - ئانىلارمۇ مەكتەپلەرگە باش كېيىم بىلە كەلسە دەرۋازىدىن كىرگۈزۈلمەيدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، يۈز مىڭلىغان قوراللىق ساقچى ۋە فورمىسىز ساقچى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ھەر قايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسا، خىتايلار ھازىر گېزىت - ژۇرناللاردا ھەر خىل ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 60 يىللىق نەتىجىلىرىنى سۆزلەشكە باشلىغان.

بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر پەقەت ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىشقا مۇمكىن بولغان ناھايىتى چەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتايلارنىڭ ئارمىيىگە، ساقچىغا ۋە قالپاق كەيگۈزۈشكە تايىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلماقتا.

بەزى زىيالىيلار، 'خىتايلارنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە 1952‏ - يىلىدىكى مىللي دارامەت 2008 ‏ - يىلىغا كەلگەندە 341 ھەسسە ئۆستى، نامراتلارنىڭ سانى يىلدىن ‏ - يىلغا ئازلاپ ھازىر 2 مىيون 800 مىڭغا چۈشۈپ قالدى، دېگەنلىكى، دەل 60 يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقى دېگەن سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ' دەپ يازدى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت