قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە شىكايەت قىلماسلىق ھەققىدە 8 ماددىلىق شەرت قويغانلىق خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىنكاس قوزغىدى

بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ياخو تور خەۋەرلىرى، تۋىتېر،خىتايغا نەزەر قاتارلىق خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا شەنشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەرگە شىكايەت قىلماسلىق ھەققىدە قويغان 8 ماددىلىق شەرتى تەنقىدلەنگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.

بۇ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا تەنقىدلىنىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە شەنشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2013-يىلى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاي مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ھارپىسىدا شەنشىدە ئېچىلىدىغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنىدا ۋەكىللەرنىڭ شىكايەت قىلماسلىقى ھەققىدە چۈشۈرگەن 8 ماددىلىق بەلگىلىمىنى تەنقىدلىدى.

شىنىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەنقىدلىنىپ، «خەلق قۇرۇلتىيى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان رايىنى بىلىدىغان مەيدان، يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەرنىڭ شىكايەت قىلىشىغا يول قويۇلمىسا، بۇ قانداقمۇ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولىدۇ» دېيىلگەن.