بۇ قانۇننىڭ 73-ماددىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەجبۇرىي كۆزدىن يوقىتىش» دېگەن تەدبىرى قانۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ھازىر خەلق ئىچىدە ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» بۇ قانۇننى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا يېڭى ھوقۇق بېرىلگەن قانۇن دەپ تەسۋىرلىدى. ئەمما «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى قانۇنشۇناس ليۇ جۈننىڭ،ئۈستىگە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رېزىنكە تامغىسى بېسىلغان بۇ قانۇننىڭ ئۈستىگە «تارىختىكى بۇ بىر كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ تور بېتىگە چاپلىغان.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن، سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنى مەخپىي قولغا ئېلىپ كۆزدىن يوقىتىدىغان، ئۇنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرمايدىغان، ئۇيغۇرلارغا بولسا تېخىمۇ ئالاھىدە سىياسەت قوللىنىپ تېررورچى، بۆلگۈنچى، دىنىي رادىكال دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئالىدىغان، ھەتتا قانۇنىي رەسمىيەتسىز ئېتىپ تاشلايدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. خەلق بۇنداق قانۇنسىزلىقلارنى پاش قىلىپ، خەلقئاراغا يايغاندىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشىغا خەۋپ يەتكەن ئىدى.