بېيجىڭدا بۈگۈندىن باشلاپ ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر ئېلىنماقتا

بۈگۈندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللۇنۇشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.28

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۈگۈن سائەت 0 دىن باشلاپ قاتناش ۋاستىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويدى. بۇ تەدبىر بۇيىچە، تيەنئەنمېن ئەتراپىدىكى كوچىلاردا كىنىشكىسىز سودىگەرلەرنىڭ ئايلىنىپ يۈرۈشى، مال سېتىش ئېلانلىرىنىڭ تارقىتىلىشى، تىلەمچىلىك قاتارلىقلار چەكلىنىدىكەن.

گۈزەتچىلەر بېيجىڭدىكى 6 چوڭ رايوننىڭ ھەممىسىدە 24 سائەت ئۈزلۈكسىز گۈزەت قىلىدىكەن. سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرى بەشىنچى ئايلانما يولنىڭ ئىچىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

3 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنىدىن 15 ‏ - كۈنىگىچە يەنە، تيەنئەنمېن مەيدانىنى مەركەز قىلغان 200 كىلومېتىر ئارىلىقتا تىجارەت ئېلانى چىقىرىدىغان ھەرخىل شارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق نەرسىنى ئۇچۇرتۇش چەكلىنىدىكەن. ساقچى دائىرىلىرى ھەتتا ئىككى چوڭ يىغىن مەزگىلىدە، ئاۋىئاتسىيە كىلوبىنىڭ ئايرۇپىلانلىرىدىكى پىلدىرلىغۇچنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ھازىردىن باشلاپلا، ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىدىغان جايلاردا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.