خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۆتكەن 11 ئاي ئىچىدە، خىتاينىڭ 123 نەپەر ساقچى خادىمى ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا يارىلانغان. خەۋەردە مەزكۇر ساقچىلارنىڭ كونكرېت قايسى دېلو ياكى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلىقى بايان قىلىنمىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 18-ئىيۇل خوتەندە يۈز بەرگەن ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بىر نەپەر ساقچى خادىمى ئۆلگەن؛ 30-31-ئىيۇل قەشقەر يېڭىبازار ۋەقەلىرىدە 50 نەچچە كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان بولسىمۇ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ساقچىلارنىڭ سانى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشاش مىللەتلەر ئارا زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن بىر جەمئىيەتتە ئاران 9 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ ۋەزىپە جەريانىدا ئۆلۈشى، بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ نورمالدىن تاشقىرى كۈچەيتىلگەنلىكىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. يەنە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەينى ۋاقىتتا، يېقىنقى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.