خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدىكى قوراللىق ساقچى ئەترىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ شتاتىنى مۇئاۋىن كورپۇسلۇقتىن تولۇق كورپۇسلۇققا ئۆستۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.28

" شىنجاڭ گېزىتى"نىڭ پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملار باش ئەترىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مەقسەتنىڭ رايوندا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە بولسا رايوندىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ شتاتىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىك مۇددىئاسىنى كونكىرېتلاشتۇرۇپ، " تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى رولىنى كۈچەيتىش" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. "شىنجاڭ گېزىتى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ سىياسى كومىسسارى يۈي لىنشياڭ "شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش "قارارىنىڭ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قارارنى " شىنجاڭدا دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇق، ۋە ئۇزۇن - مۇددەتلىك تىنچلىق ھەم مۇقۇملۇق ئورنىتىشتىكى مۇھىم قارار"، دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدا 8‏ - ئايدىكى قەشقەر سەمەن يولى، يامانيار ۋە كۇچاردا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ قانچىلىك رول ئوينىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن خىتاي 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە " تېررورلۇق " قا قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى جاكارلاپ، كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى يولغا قويماقتا ئىدى.

"شىنجاڭ" قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قارارى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن ئۆكتىچى شەخسلەرنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.