خىتاي ساقچىلىرى ئاتۇش شورۇقلۇق ئىمام سەلەينى تۇتۇش ئۈچۈن ئاتۇشتا ئومۇميۈزلۈك ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان
2012.11.09
ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ رادىئومىزغا بۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاتۇشتا ئومۇميۈزلۈك ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان؛ ساقچىلار ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا 24 ياشلىق گۇماندار ئىمام سەلەي ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىمام سەلەي 1-ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەر قاغىلىقتا يۈز بەرگەن ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، ئىمام سەلەي ئاتۇش شورۇقتىن بولۇپ، ئۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھىدايەت يولىنى تاپقان، ئىمان-ئېتىقادلىق ۋە جەمئىيەتتە تەسىرى بار ياشلاردىن ئىكەن.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن ئايدا شورۇقتىكى ئۆي ئاختۇرۇشلىرى داۋامىدا 20 گە يېقىن ياشنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلار پارتلاتقۇچ ماتېرىياللارنى ساقلاش گۇمانى بىلەن سوراق قىلىنغان. ئەمما تۇتقۇنلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ۋە ئىمام سەلەينىڭ تۇتۇلغان-تۇتۇلمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.