خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ 2000 - يىللىق سېدنىي ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ساختىپەزلىك قىلىپ ئالغان مېداللىرىنى ئىناۋەتسىز قىلدى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 28 - ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ 2000 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سېدنىي ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ كوللىكتىپ گىمناستىكا تۈرى بويىچە قولغا كەلتۈرگەن مىس مېدالىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2000 - يىللىق سېندنىي ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە خىتاي تەنتەربىيىچى دۇڭ فاڭشياۋنىڭ يېشىنى 17 ياش دەپ كۆرسىتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان بولۇپ، دۇڭ فاڭشياۋنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 14 ياشتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ۋەقەلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى دۇڭ فاڭشياۋنىڭ سېدنىي ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ۋە شۇنداقلا 1999 - 2000 يىللىرى ئارىسىدىكى خەلقئارا مۇسابىقىلەردە قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مېداللىرىنى ئىناۋەتسىز قىلغان ۋە خىتايدىن مىس مېدالنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يەنە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە بولۇپمۇ ياش چەكلىمىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى "دۇڭ فاڭشياۋنىڭ يالغان ياش ئىشلىتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئۇنىڭ شەخسى مەسىلىسى" دەپ، بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008 - يىلى ئېچىلغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان باشقا بىر خىتاي ماھىرنىڭ ياش ئۆلچىمىگە توشقان - توشمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا بۇ مۇسابىقىدە رېپىرلىق قىلىۋاتقان دۇڭ فاڭشياۋنىڭ يېشىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالغان ئىكەن.