خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ تاجىكىستان زىيارىتىدە «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى
2012.11.29
دۇنيا ئۇيغۇر ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ مۇقىملىقنى ۋە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىشىنىڭ دائىرىلەرنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىدىن بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ھەم بۇ رايونلاردا يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رىشىت بايانىدا يەنە، بۈگۈن خېنەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىل « قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتى» سەۋەبىدىن خېنەندە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.