ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر «ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە گىمناستىكىچىلارغا «رەسمەن ستېروئىد» دەپ ئاتىلىدىغان روھلاندۇرغۇچى ۋە ئادەم بەدىنىنى كۈچلەندۈرىدىغان گورمون بېرىپ كەلگەن.
شۆ يىنشيەن «سىدنېي سەھەر پوچتىسى» گە ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىدا يەنە «ئۇنى ئىشلىشىنىڭ 1980-يىللاردا ئەۋجىگە چىققانلىقى»، بىراق تەنتەربىيىچىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق ئوكۇل ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇنىڭغا قارشى تۇرغان تېببىي خادىملارنىڭ چەتكە قېقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ روھلاندۇرغۇچى گورمون ئىشلىتىدىغانلىقى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىتاي تەنتەربىيە سېپىدىكى بىر خادىمنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ روھلاندۇرغۇچى گورمون ئىشلىتىدىغانلىقىنى پاش قىلىشى. مەزكۇر ۋەقەنىڭ دەل لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى ئاشكارىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
خىتاي 1994-يىلى دۇنيا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە 12 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، كۈتۈلمىگەن نەتىجە ياراتقان. بىراق بۇ ئۇنىڭ روھلاندۇرغۇچى گورمون قوللانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە كەڭ گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. شۇ يىلى خىروشىما ئاسىيا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ 7 نەپەر سۇ ئۈزۈش ماھىرىنىڭ روھلاندۇرغۇچى قوللانغانلىقى ئاشكارىلانغان. خىتاي شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەردىن قولىنى ئۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.