خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال - ياراق سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-12-10
Share

يۇقىرىقى مەلۇماتنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر قارار ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان بولۇپ، تەستىق كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن.

خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشىگە قاتتىق قارشى تۇرىمىز، دېدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ھەقتە، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن 3 ھەپتە ئۆتەر - ئۆتمەيلا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بەرمەكچى بولۇشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ بايان قىلىندى.

تەيۋەن ھەربىي ئىشلار باياناتچىسى بولسا، تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي قورال - ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە ھەم ئېھتىياتچان ھەم ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ بۇندىن بۇرۇن قىلغان سۆزىدە تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەمما، ئامېرىكا تەرەپتىن بۇنىڭغا قارىتا تېخى رەسمىي بىر جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ قارشىلىقى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مايىڭجۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن يەنە كۆپلەپ قورال سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.