ما يىڭجۇنىڭ خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى توغرىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمىدى

تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېلىۋىتىش تەلىپىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008-10-23
Share

تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ يۇچى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننىڭ ما يىڭجۇ خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى ئۇنۇتتى دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان.

چىن شۈيبيەن چارشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇنى خىتايغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا تەيۋەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۇندىن بۇرۇن بەرگەن باياناتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان 1000 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىۋەتمىگىچە، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ تەكىتلىگەن. 

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت