خىتاي چەتئەللەرگە تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى مەغلۇبىيىتىنى ياپماقچى بولۇۋاتىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرىنىڭ 'غەرب ئەللىرى شىنجاڭدا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇتراتتى'، 'ئولىمپىكتىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق ھۇجۇملارغا رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ' دېگىنىگە رەددىيە بەرگەن ئىدى.

بۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى دۇنيادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۇدا خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ 'كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاشقا قۇربى يەتمەي، چەتئەللەرگە تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ياپماقچى بولۇۋاتىدۇ' دەپ رەددىيە بەرگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ يەنە قايتىدىن خەۋەر ئېلان قىلدى.