خىتايدىكى تور بەتلەر خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خىتايدىكى بىر قانچە يۈزلىگەن تور بەت خەلقئارالىق خاككىر گۇرۇپپىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. «نامسىز» ئىسىملىك بۇ خاككىرلىق گۇرۇپپىسى خىتايدىكى چوڭ شېركەتلەر ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قاراشلىق تور بەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خاككىرلانغان تور بەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە بەك تەمەننا قويۇپ كەتمەسلىككە چاقىرىلغان شۇئارلار قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «بۈگۈن سىلەرنىڭ تور بەتلىرىڭلار خاككىرلاندى. ئەتە رەزىل رېجىمىڭلار گۇمران بولغۇسى. ئۆز خەلقىڭلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلەڭلەر سىلەرگە ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر يەر ئالغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامسىزلار ئىسىملىك خەلقئارالىق خاككىرلىق گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىم قېتىملىق ھەرىكىتى ئەمەس. ئۇلار ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم خىتايدىكى تور بەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارزىلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ قېتىم خاككىرلانغان تور بەتلەرنىڭ بىر قىسىملىرى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن. خىتاي باياناتچى خۇڭ لېي مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا مۇجىمەل جاۋاب بېرىپ : «بۇ قېتىملىق ۋەقە دۆلىتىمىزنىڭ ئىنتېرنېت ھۇجۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېگەن.