ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى 'ھازىر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مال يۆتكەش پونكىتلىرى، ئەركىن بازار، قاتناش لىنىيىسىدىكى بېكەتلەر قاتارلىق جايلارغا يوشۇرۇنغان قارا جەمئىيەت كۈچلىرى باش كۆتۈرۈپ قالدى، ئۇلارنى ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ شەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن قارا گۇرۇھلارنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قويىلىدۇ' دەپ جاكارلىغان.
خەۋەردە ئەلى، لى ججچاڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدىكى قارا جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ، باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاپ بۇلاڭچىلىق قىلغان جەريانلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۈرۈمچىدە باشلىغان قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەرخىل نام بىلەن خەلققە قانۇنسىز ھالدا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماقتا. ھەر قېتىم ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.