خۇنەندىمۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

ئۆتكەن ھەپتە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، توقۇنۇش ياڭاق مېغىزى سېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى بىلەن لىن فامىلىلىك بىر خىتاي خېرىدارنىڭ ئۆز-ئارا گەپ ئۇقۇشماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.03

مەلۇم بولۇشىچە دەسلەپتە ئىككىسى سۆز تالاشقان، ئارقىدىن بىر-بىرىنى ئىتتىرىشكەن. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپكە يان باسقۇچى ئۇيغۇر ۋە خىتايلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم كوللېكتىپ ئۇرۇپ-سوقۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئىككى كىشى يېنىك يارىلانغان، 160 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ياڭاق مېغىزى ۋە 40 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بىر موتسىكلىت بۇزغۇچىلىققا ئۇچرىغان.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، يۆياڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەگە جىددىي ئارىلاشقان؛ نەتىجىدە مەزكۇر ۋەقەدە زىيانغا ئۇچرىغان 16 نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ زىيانلىرى تۆلەپ بېرىلىپ، يۇرتىغا قايتۇرۇلغان. نۆۋەتتە ۋەقە تۇغدۇرغان لىڭ فامىلىلىك خىتاي يۈياڭدىكى تيەنيۈې ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

بۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە يۈز بېرىپ ئاخبارات ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق توقۇنۇشتۇر. ئالدىنقى قېتىملىقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنپىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.