خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى تۈركۈملەپ ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ

بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورگىنىنىڭ 'بۈگۈنكى شىنجاڭ خەۋەرلىرى' گېزىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋەزىپىسى ئالماشتۇرۇلغان نازارەت دەرىجىلىك ۋە مۇئاۋىن نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالتاي، چۆچەك، ئاقسۇ رايونلىرىدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋەزىپىسى ئالماشتۇرۇلغان نازارەت دەرىجىلىك ۋە مۇئاۋىن نازارەت دەرىجىلىك پارتكوم ئەمەلدارلىرى.

بۇ تىزىملىكتە، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋەزىپىسى ئالماشتۇرۇلغان نازارەت دەرىجىلىك 73 ئەمەلدارنىڭ ئىسمى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 5ى خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىلەت كادىرلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق.

بۇ سانلىق مەلۇمات، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ جاينىڭ ئاپتونومىيە ياكى ئەمەسلىكىنى، ئاپتونومىيە بولسا، قانداق ئاپتونومىيە ئىكەنلىكىنى بىر قاراپ بىلىۋالغىلى بولىدىغان مەلۇمات.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ھەرخىل تېمىلار بۇيىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.