خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلدى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېنجياباۋ يەكشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىگە قاراتقان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان مەزكۇر زىيارەتتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسلىقى يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئىل ئۆزى مەخسۇس ئايرودرومغا چىقىپ، ۋېن جياباۋنى كۈتۈۋالغان ۋە ئىككىسى يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پيوڭياڭ ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيە باش مىنىستىرلىرى دەسلەپكى قەدەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شىمالىي كورىيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلە شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاندۇرۇش بولۇپ، پىيوڭياڭنىڭ بىر قانچە قېتىملىق يادرو قوراللىرى سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سالغان شۇنىڭدەك ئالتە تەرەپ سۆھبىتى نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىدى.

شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پىلانىدا خىتاينىڭ مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. پيوڭياڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 60 يىل توشقان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن خىتاي باش مىنىستىرلىرى شىمالىي كورىيىنى 18 قېتىم زىيارەت قىلغان.

ۋېنجياباۋنىڭ بۇ زىيارىتى شىمالىي كورىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.