خىتاي غەرب ئىستىلىدىكى دىمۇكراتىيە ۋە قانۇن سېستىمىسىغا كۆچۈشنى يەنە رەت قىلدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان يىغىنىدا پرىنسىپ خاراكتېرلىق ھۆججەت ماقۇللاپ، قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى، لېكىن غەرب ئىستىلىدىكى دىمۇكراتىيە يولىغا مېڭىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.28

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جيا چىڭلىننىڭ " بىز پۈتۈن مەدەنىيەتلەرنىڭ بەزى ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز،" دېگەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ يەنە " بىز غەرب دېمۇكراتىيىسى ۋە قانۇن سېستىمىسىنى ئۈلگە قىلمايمىز،" دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ كونكىرىت مەزمۇنىغا دائىر تەپسىلاتلار تىلغا ئالمىغان. خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 2 يىل بۇرۇن ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىلكىدىن ئالى سوتنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئازايتىشتا رولى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى.

ئانالىزچىلار خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىدىكى مەسىلىنىڭ قۇرۇلما مەسىلىسى ئىكەنلىكى، خىتايدا كومپارتىيىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا بولغان ماناپوللىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى ئىشقا ئاشۇرۇلمىغىچە مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر قانۇن سېپىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدلىيە كونتروللىقىنىڭ ئېغىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بىر قېتىم "ش ئۇ ئا ر " يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنى زىيارەت قىلىپ، "سىياسىنى تۇتقا قىلغان سوتچىلار ياخشى سوتچىلار، سىياسىنى تۇتقا قىلمىغان سوتچىلار ناچار سوتچىلار" دېگەنلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.