ئون نەپەر خىتاي يازغۇچىسى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان ھېلمان ماممەت مۇكاپاتى، بۇ يىل خىتاي يازغۇچىلىرىدىن دۇداۋۋۇ ۋە گو چۈەن قاتارلىق 10 كىشىگە بېرىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.09.19

مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرائاتلىرىغا قارشى خىتاي ئىچى-سىرتىدا قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇنداقلا يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەردۇر. ھېلمان ھاممەت مۇكاپاتى 1989-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە باش ئەگمىگەن ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان يازغۇچىلارغا بېرىلىدۇ.

رادىئويىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خىتايچە خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مۇكاپات خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئۆكتىچى يازغۇچىلارغا زور ئىلھام بولغان.

شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇن ۋېنگۇاڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە توختالغان.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت بۇ مۇكاپاتقا بىر بولسا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشى مۇمكىن، يەنە بىر بولسا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ئاز ساندىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شۇملۇقلىرى دېيىشى مۇمكىن.» سۈن ۋېنگۇاڭ «نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مۇكاپات دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى» دەپ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.