خىتاي يىڭنە ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 4 كىشى ئۈستىدىن جازا ھۆكۈم قىلدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۈگۈن يىڭنە سانجىپ ئادەم يارىلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن يەنە 4 كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 8 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.17

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قولغا ئېلىنغانلاردىن ئابدۇرۇسۇل ئابدۇقادىر ۋە ئابلىمىت مەمەت ئىسىملىك ئىككى كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا، راخمان رازىق 12 يىل، ئابدۇقېيىم ئايۇپ بولسا 8 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىىسى بۇ كىشىلەرنىڭ 3 - سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەتلىرىدە ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي كىچىك قوۋۇق رايونىدىكى بىر يەر ئاستى يولىدا يىڭنە سانجىغانلىقىنى ۋە نەق مەيداندا كىشىلەر تەرىپىدىن قولغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يىڭنە سانجىش ۋەقەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشىمىغان مەلۇماتلىرىمۇ خەلقئارادا ۋەقەگە نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى.

رادىئومىزغا كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يىڭنە سانجىش ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى بىلەن نۇرغۇنلىغان يالغان ۋەقە مەلۇم قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يىڭنە سانجىپ جەمئىيەتتە ساراسىم پەيدا قىلىشنىڭ تېررورچىلىق دەپ قارىلىپ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۈچ كىشىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا 12 يىللىق ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.