خىتايدا 28 يەسلى بالىسى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.04.29
2010.04.29
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە يەنە مەزكۇر بالىلار باغچىسىنىڭ 2 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىر نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچىسىمۇ يارىلانغان.
دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتىل قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 47 ياشلىق ئىشسىز بىر كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا، ئەمما ئۇنىڭ بۇ جىنايەتنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
خىتايدا يېقىنقى ئىككى ئايدىن بېرى ئۆسمۈر بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئارقا - ئارقىلاپ مەيدانغا كەلمەكتە. تېخى بۇندىن بىر كۈن ئاۋۋال گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لېيجوۋ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىچاقلىق بىر كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ۋەقەدە 18 ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى يارىلانغان ئىدى.
12 - ئاپرېل كۈنى يەنە گۇاڭشى ئۆلكىسى خېپۇ ناھىيىسىدە پىچاق كۆتۈرگەن بىر كىشى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر بالىنى ۋە بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن. ئالدىنقى ئايدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنپىڭ شەھىرىدىمۇ يەنە ئوخشاش ۋەقە يۈز بېرىپ 8 كىشى ئۆلگەن ۋە 5 كىشى ئېغىر يارىلانغان ئىدى.
ھازىر خىتايدىكى بۇ كىچىك بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارماقتا.