ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سېمىت پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستاندىكى ئادەم بېدىكچىلىكى سودىسىنى باشقىدىن ئومۇمى يۈزلۈك باھالاپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كىرستوفېر سېمىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالى كورىيىدىن خىتايغا قېچىپ كەلگەن كورىيىلىك مۇساپىرلارنى ئېلىپ - سېتىش مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سېلىپ، بۇنىڭغا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان. ئۇ، خىتاينىڭ "بىر پەرزەنتلىك" نوپۇس تۈزۈمى قىز - ئوغۇللار نىسبىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىز - ئاياللارنى ئېلىپ سېتىش بېدىكچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، 2020 - يىلغا بارغاندا خىتايدا 40 مىليون توي يېشىدىكى ئوغۇللار توي قىلىدىغان خوتۇن تاپالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن. بەزى ئانالىزچىلار بۇ مەسىلە كەلگۈسىدە خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1980 - يىلدىن باشلاپ خىتاي پۇقرالىرىغا، 1987 - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. دائىرىلەر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق رەسمىي دوكلات ئېلىپ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەت خىتاي جەمئىيىتىدە قىز -ئوغۇللار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، نوپۇسنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىشتەك بەزى ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە بەزى دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.