'خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.19
2010.04.19
رېگگىې خانىمنىڭ "لوندون ۋاقىت گېزىتى"گە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرى 7 - ئاپرېل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇننىڭ شەھىرىدە قىسىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان ۋە سىياسەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 1300دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت مەزكۇر شەھەردە باشلانغان ھەرىكەت 20 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا جەمئىي 9559 ئادەم ئۈستىدىن قىسىرلاشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئوپېراتسىيە قىلغۇچى دوختۇرلار كۈنىگە 8 سائەتتىن ئىشلەپ ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارغان. پۇنىڭ شەھىرى شۇنداق قىلىش ئارقىلىق پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە ئىلغار ئورۇنلۇق شەرىپىگە ئېرىشمەكچى بولغان ئىكەن.
پۈتۈن خىتاي بويىچە يولغا قويۇلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قەدەر قاتتىق يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە.