لۇڭنەندە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.20
2008.11.20
خەۋەردە يەنە، ساقچىلارنىڭ بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقەگە چېتىشلىق 110 كىشىنى قولغا ئېلىپ، 80 كىشىنى قويۇپ بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بېرىش داۋامىدا 71 ساقچى ۋە 3 مۇخبىرنىڭ يارىلانغانلىقى، 110 ئېغىز ئۆز ۋە 22 ئاپتوموبىلنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرىدە تەخمىنەن 2000 كىشى ئۆز ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش ۋە ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن چىدىر ئۆيلەرنى تارتىۋېلىش سەۋەبىدىن زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نامايىشچىلارنىڭ ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ چاققاندىن سىرت، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى، ھۆكۈمەت خادىملىرى شۇنىڭدەك مۇخبىرلارنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ بىلدۈرۈشچە، قارشىلىق بىلدۈرۈش جەريانىدا يارىلانغان 10 نەپەر ساقچى بىلەن 1 نەپەر مۇخبىر ھازىرغا قەدەر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن. بىراق ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن شۇنىڭدەك 3 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشى چەكلەنگەن ۋە ھازىرغا قەدەر 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، تېلېفۇن ۋە ئىنتېرنېت ۋاستىلىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.