خىتاي چوشقا زۇكامىدىن جىددىي ئاگاھ بولۇش ھالىتىگە ئۆتتى

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى، مەملىكەت بويىچە چوشقا زۇكامىدىن ئاگاھ بولۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ 28 - ئاپرىل كۈنى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە چوشقا زۇكامىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغانلارنى دەرھال سەھىيە مىنىستىرلىقىغا دوكلات قىلىش ھەم جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئوچۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە يەنە خىتاي ساياھەت ۋە تاموژنا دائىرىلىرىگە چوشقا زۇكامىدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى بەرگەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى 27 - ئاپرېلدىن باشلاپ مېكسىكا ۋە ئامېرىكىدىن چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىپادىلىشىچە، خىتاي ئەڭ كۆپ چوشقا ئىستىمال قىلىدىغان دۆلەت بولغاندىن باشقا، 450 مىليونغا يېقىن چوشقا بېقىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، خىتايدىكى چوشقىلار سانى پۈتۈن دۇنيادىكى چوشقىلارنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭا گەرچە ھازىرغا قەدەر خىتايدا بىرەر كىشىنىڭ چوشقا زۇكامىدىن يۇقۇملانغانلىقى ۋە ياكى چوشقا فېرمىلىرىدا بۇ خىل كېسەللىك ۋىرۇسى بايقالمىغان بولسىمۇ،خىتايدا چوشقا زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىلگىرىكى قۇش زۇكىمى ۋە سارس تارقالغاندىكىدىنمۇ تېز ھەم جىددىي مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

بۈگۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چوشقا زۇكىمىنىڭ ئاسىيا ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرگىچە تارالغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سەھىيە ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈپ 4 - دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى.چوشقا زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملانغانلار 1600 دىن ئاشقان،ئۆلگەنلەر 152 يەتكەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مېكسىكىدا.

ئامېرىكىدا يۇقۇملانغانلار 50 كە يەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار كۆرۈلمىدى.

سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، مېكسىكا، ئامېرىكىدىن باشقا، ھازىر كانادا، ئىسپانىيە، شوتلاندىيە، ئىسرائىلىيە، يېڭى زېللاندىيە ۋە كورىيىلەرمۇ چوشقا زۇكىمى بايقالغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن.