خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ھازىرغا قەدەر 31 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندىن جەمئىي 19 مىليون ئادەمگە چوشقا زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ۋاكسىنىسى ئەملەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس توغرىسىدىكى رەسمىي مەلۇماتلىرىدا ئەسكەرتىشىچە، چوشقا زۇكامىدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 70 مىڭ بولۇپ، 53 ئادەم ئۆلگەن.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە جوڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى تىببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى جۇڭ نەنشەننىڭ يېقىندا خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، " ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان چوشقا زۇكامىغا دائىر ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئىشەنچسىز" دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى يەرلىك دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جايلارنى كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى يوشۇرماسلىققا، يالغان مەلۇمات بەرمەسلىككە چاقىرىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 7 مىليون نوپۇسى بار خوڭكوڭدا ھازىرغا قەدەر 40 ئادەم چوشقا زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن. بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ھازىرغا قەدەر 53 ئادەمنىڭ چوشقا زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكى ئەقىلگە سىغمايدىكەن.