خىتايدا قولغا ئېلىنغان قۇدرەتلىك ئىلاھنىڭ خرىستىئانلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى 1300 گە يەتتى

بۈگۈن 21-دېكابىر مايا كالېندارىنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنى شۇنداقلا خەلق ئارىسىدا تارقالغان «قىيامەت قايىم» رىۋايىتىدىكى «2012-يىلى 21-دېكابىر زامان ئاخىرى باشلىنىدۇ» دېيىلگەن كۈن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ كۈنگە قارىتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق جايلاردا «قىشلىق كۈن-تۈن توختاش كۈنى» خاتىرىلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ھالبۇكى، دىنىي قاراش ۋە دىنىي پائالىيەتلەر ئەڭ قاتتىق چەكلىنىۋاتقان خىتايدا پۇقرالار ئارىسىدىكى «قىيامەت قايىم ۋەھىمىسى» خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەنسىزلىككە سالغان.

مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە خىتايدا «زامان ئاخىرى ۋەھىمىسى» تارقىتىپ، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارغان دېگەن باھانىدە قۇدرەتلىك ئىلاھنىڭ خرىستىئانلىرى نامىدىكى تەشكىلات ئەزالىرىدىن 1300 كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا زامان ئاخىرى ۋەھىمىسى ئەۋج ئالغانلىقى، «زامان ئاخىرى ۋەھىمىسى» تارقاتتى دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىڭ نەچچە مىڭغا يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار تارقاتقان تەشۋىق ۋەرەقىلىرىدە كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش، پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشى تۇرۇشقا ئوخشاش چاقىرىقلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنسىرەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەرىقەت ئەزالىرىنى «پىتنە-پاسات تارقىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى، ئاخىرقى زامان سەپسەتىسى بىلەن كىشىلەرنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇندى» دەپ ئەيىبلەپ، قولغا ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.