خىتايدا تارقالغان ئېغىز - تۇياق ياللۇغىدا 40 ئۆسمۈر ئۆلگەن ۋە 77 مىڭدىن ئارتۇقى يۇقۇملانغان

شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل كېسەللىك بوۋاق ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئىنتايىن تىز يۇقۇدىغان بولۇپ، كېسەللىكىتە يۇقۇملىنىپ ئۆلۈش دەرىجىسى بۇ يىل مارتتا ئالدىنقى ئايلاردىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. يۇقۇملانغۇچىلار 77 مىڭ 750 كە يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.04.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، باھار ۋە يازدا بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىنىڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يانۋار ۋە فېۋرالدا بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكىدە 17 ئادەم ئۆلگەن ۋە 61 مىڭ 429 ئادەم يۇقۇملانغان.

خىتايدا ئېغىز - تۇياق ياللۇغى تارقىلىش ھادىسىسى ھەر يىلى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 353 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

بۇ خىل كېسەللىكتە يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى جەنۇبى، ئوتتۇرا، شىمالى ۋە شەرقىي خىتاي رايونلىرىدا كۆرۈنگەن بولۇپ، ئەمما ھازىرچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خەۋەر قىلىنمىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.