خىتاينىڭ دۆلەت خىزمىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009.11.29
2009.11.29
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تەۋە ئورگانلارنىڭ مائارىپ، قاتناش، تەلىم - تەربىيە قاتارلىق كۆپ خىل خىزمەت ساھەلىرى نۆۋەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەڭ كۆپ تالىشىدىغان تۈرلەر بولۇپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، خىزمەت ئورنىغا ئېرىشمەكچى بولغانلارنىڭ سانى بىلەن خىزمەت ئورنىنىڭ سانى ئارىسىدا زور پەرق پەيدا بولغان. يەنى بۇ يىل، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم 15 مىڭ خىزمەت ئورنى ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھەر يىللىق ئىمتىھان ۋاقتىدا تۈرلۈك تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلگەن شۇنىڭدەك يەنە ھازىرغا قەدەر تېخى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت خىزمەتچىلىكىگە ئىمتىھان بېرىش پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە دەرسلىكلىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرى تۇزگەن بۇ خىلدىكى ماتېرىياللىرى بازار تاپقان. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت باشقىچە بولۇپ، خىتاي تىلى ھەم باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەت ئورۇنلىرىغا كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشىدىكى توسالغۇلارغا ئايلانماقتا.