خىتاي يەنە بىر قېتىم مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەت بولۇپ باھالاندى

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل خىتاينى يەنە بىر قېتىم يەر شارىدىكى مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەت، دەپ باھالىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي يېقىنقى 11 يىلدىن بېرى ھەر يىلى ئۇدا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان.

خىتايدىن قالسا، ئىران، كۇبا، ئېرىترىيە ۋە بېرما مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا قولغا ئېلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىنتېرنېتتا ماقالە يازىدىغان ئەركىن يازغۇچىلار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان مۇخبىرلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئازلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا خىتاينىڭ دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولايدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.

دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە 24 مۇخبىرنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ 22 نەپىرىنىڭ ئەركىن يازغۇچى ئىكەنلىكى، تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە قەشقەرلىك ئۇيغۇر ژۇرنالىستلاردىن ئابدۇغېنى مەمتىمىن ۋە تىبەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى دۇندوپ ۋاڭچېننىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن.

ئابدۇغېنى مەمتىمىن، قەشقەردىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەرجىمان ۋە ئەركىن ژۇرنالىست بولۇپ، ئۇ 2003 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سودا مەھكىمىسى تەرىپىدىن "دۆلەت مەخپىيەتلىكى"نى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

تىبەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى دۇندۇپ ۋاڭچېن بولسا 2008 ‏- يىلى تىبەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېما قىلغان "قورقۇنچنى يېڭىش" ناملىق 25 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، چەتئەلدىكى تىبەتلەرگە يوللاپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.