گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 7 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى نىكە ۋە ئادىداس شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان 7 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى پەيشەنبە كۈنى ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان ۋە نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان خىتايدىكى ئەمگەكچىلەرنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگۇەن شەھىرىدىكى ئاياق زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار مائاشىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن ئىشچىلارنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلغان.

نامايىشچىلار يوللارنى توسۇپ قارشىلىق بىلدۈرگەن ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا نەچچە ئون ئىشچى يارىلانغان.

بۇ خىلدىكى نامايىش يەنە دوڭگۇەن شەھىرى خۇاڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر زاۋۇتتىمۇ يۈز بەرگەن، بۇ يەردىكى نامايىشچىلار ئىش باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خىتاينىڭ يېنىك سانائەت بازىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر رايوندا ئىش تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى.

خىتاي ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى مەزكۇر رايونغا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كۆپلىگەن ياشلارنى ئېلىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك نامايىشتا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بار- يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.