خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: 2009 - يىلى خىتاي دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.03.30
2010.03.30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغانلار سانىنىڭ، شۇ يىلى 18 دۆلەتتە ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، 2009 - يىلى خىتاينى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈن دۇنيادا 714 ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىراقتا ئاز دېگەندە 338 كىشىنىڭ، ئامېرىكىدا 52 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە، ياۋروپادا ئۆتكەن يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ باقمىغانلىقى، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىلورۇسىيىدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە، 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندىن سىرت، نامايىش يۈز بېرىش جەريانىدا ۋە نامايىشتىن كېيىن مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.